ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار تەرەپلەر ئەھدىلىرىگە ئەمەل قىلسا، ئۇران قويۇقلاشتۇرۇش يولىدىكى قەدەملىرىدىن ۋاز كېچىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

1557516
ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مەجلىسىمىزنىڭ قانۇنلاشتۇرغىنى بويىچە % 20 ئوران قويۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرىمىزنى قايتىدىن باشلىدۇق. بۇ ھەقتە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا مۇناسىپ شەكىلدە مەلۇمات بېرىلدى. باشقا بىر قىسىم كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇزۇ يىللاردىن بۇيان ئەھدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىنكى بۇ پائالىيەتلىرىمىز، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنىڭ 36 - مادددىسىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. بارلىق تەرەپلەر ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغان تەقدىردە، بۇ تەدبىرلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن.»

ئىران تاراتقۇلىرى، فودرو يادرو مۇئەسسەسەسىدە % 20 ئۇران قويۇلدۇرۇش پائالىيىتىنىڭ تۈنۈگۈن رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 2015 – يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىم، تېھران ھۆكۈمىتىگە ئۇراننى ئەڭ كۆپ بولغاندا % 3.67 قويۇلدۇرۇشقا رۇخسەت قىلاتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى كېلىشىمدىكى ئەھدىلىرىنى توختاتقان ئىران، قويۇلدۇرۇلغان ئۇران سەۋىيەسىنى % 4.5 ئەتراپىدا تۇتۇۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر