ترامپ خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش بۇيرۇقىنى قايتۇرۇۋالدى

نىيۇ يورك ئاكسىيە بازىرى ئۈچ خىتاي شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىنى چىقىرىۋېتىش قارارىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1557683
ترامپ خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش بۇيرۇقىنى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ئاكسىيە بازىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈچ خىتاي شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىنى چىقىرىۋېتىش قارارىنى توختىتىشنىڭ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ يوليورۇقى بويىچە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ 2020-يىلى 12-نويابىر پەرمان جاكارلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە بولغان ياكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كونترول قىلىدىغانلىقى بايقالغان شىركەتلەرنىڭ پايچەكلىرىنى، ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدا سېتىشنى چەكلىگەن ئىدى.

نىيۇ يورك ئاكسىيە بازىرى 2020-يىلى 31-دېكابىر «خىتاي تېلېكوم»، «خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش» ۋە «خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش خوڭكوڭ» شىركەتلىرىنىڭ پايچەكلىرىنى سېتىشنىڭ، «ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەربىي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالماسلىقى مەقسىتىدە 11-يانۋارغىچە توختىتىلىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ قارارىغا جاۋابەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېلېكوم شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاكسىيە بازىرىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ ناھەق بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە ‹كومپارتىيە ھەربىي شىركەتلىرى› دەپ ئايرىمىچىلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر