فىلىپپىندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

فىلىپپىندا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە كەم دېگەندە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1557859
فىلىپپىندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلىنىڭ بىكول رايونىدا ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان يېغىۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان  سۇ ئاپىتىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يوقاپ كەتتى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

فىلىپپىندا بۇلتۇر نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن «گونى» ناملىق  «تەيفېڭ بورىنى» سەۋەبىدىن، لۇزون ئارىلىدىكى تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم ئۆي - ماكانلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر