ئىران فوردو مەشغۇلات رايونىدا ئۇران قويۇلدۇرۇشنى باشلىدى

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەلى رەببى بۈگۈن (2021-يىلى 4-يانۋار) ئىراننىڭ فوردو يادرو مەشغۇلات رايونىدا ئۇراننى %20 قويۇلدۇرۇشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1557111
ئىران فوردو مەشغۇلات رايونىدا ئۇران قويۇلدۇرۇشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى شەنبە كۈنى (2021-يىلى 2-يانۋار) پارلامېنتتا چىقىرىلغان قانۇن بويىچە %20 ئۇران قويۇلدۇرۇش توغرىسىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگنېتلىقىغا بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئىران پارلامېنتى غەربتە «ئىران يادرو پىروگراممىسىنىڭ ئاتىسى» دەپ بىلىنىدىغان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھسىن فاھرىزادە 2020-يىلى 27-نويابىر سۈيىقەستكە ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، %20 ئۇران قويۇلدۇرۇشنى باشلاش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان ئىدى.

يادرو كېلىشىمى ئىراننىڭ ئۇراننى %3.67 قويۇلدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلاتتى. ئىران بولسا، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى كېلىشىمدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى توختاتقان ۋە ئۇران قويۇلدۇرۇش سەۋىيەسىنى %4.5 سەۋىيەسىدە كونترول قىلىپ كېلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر