ئامېرىكا: «USS Nimitz» ناملىق ئاۋېياماتكىمىز ئوتتۇرا شەرقتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىراننىڭ قىلغۇسى ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رايوندىن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان «USS Nimitz» ئاۋىياماتكىسىنى ئوتتۇرا شەرقتە تۇرغۇزۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
1556690

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستوفىر مىللېر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋىياماتكىنىڭ بۇرۇنقى ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىدا تۇرغۇزۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «مەن ئىران رەھبەرلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە باشقا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا تەھدىت سالغان بولغاچقا، USS Nimitz ئاۋىياماتكىسىنىڭ نورمال ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈم. USS Nimitz ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى رايونىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.