ترامپ رەت قىلغان خامچوت لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىدىن ئۆتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرى ۋېتو قىلغان 2021 – يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسى، ئاۋام پالاتاسىدىن كېيىن كېڭەش پالاتاسىدىمۇ 3 تىن 2 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ قانۇنلاشتى.

1555983
ترامپ رەت قىلغان خامچوت لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2021 – يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئالاھىدە يىغىن چاقىرغان كېڭەش پالاتاسى، پىرېزىدېنت ترامپ 23 – دېكابىر كۈنى ۋېتو قىلغان 740 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى لايىھەسىنى 13 كە قارشى 81 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.

خامچوت لايىھەسى، ئاۋام پالاتاسىدىن كېيىن كېڭەش پالاتاسىدىمۇ 3 تىن 2 پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ھەم ترامپنىڭ ۋېتو قىلىش ھوقۇقىدىن، ھەمدە 4 يىللىق ۋەزىپە ئۆتىشى جەريانىدا ترامپنىڭ ۋېتو قىلىش ھوقۇقىدىن ھالقىغان تۇنجى لايىھە بولدى.

ترامپ دېكابىرنىڭ باشلىرىدا دۆلەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان 740 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى 23 – دېكابىر كۈنى ۋېتو قىلغانىدى. بۇ لايىھەنى ۋېتو قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشقا، ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ جاۋابكارلىققا تارتىشقا بولىدىغان بەلگىلىمىلەرنىڭ يوقلۇقى ۋە كونفېدېراتسىيە دەۋرىدىكى قوماندانلارنىڭ ئىسىملىرى بىكار قىلىنمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى لايىھەنى تەنقىد قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر