رىمدا ئېتىلداقلار يۈزلەرچە قۇشنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئېتىلداق سەۋەبىدىن يۈزلەرچە قۇش ئۆلدى.

1556078
رىمدا ئېتىلداقلار يۈزلەرچە قۇشنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىىۋ تاراتقۇلاردىكى كۆرۈنۈشلەردە، رىم كوچىلىرىدا جانسىز قۇشلار كۆرۈلدى.

خەلقئارا ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى لورېدانا دىگلىيو، قۇشلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئېتىلدارلارنىڭ ھەر يىلى ئۆي ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يارىلىنىشى ۋە بېسىمغا ئۇچرىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، قۇشلار ئېتىلداقلارنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق  قورقۇپ كېتىش سەۋەبىدىن، ياكى بىرلىكتە ئۇچۇۋاتقاندا بىر-بىرلىرىگە، دېرىزىلەرگە ياكى توك سىملىرىغا سوقۇلۇپ كېتىش، ۋەياكى  يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر