يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى مۇزلۇقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ۋېنېزۇئېلادىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا — ھامبولد چوققىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇزلۇق يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن تېزلىكتە ئېرىمەكتە.

1555108
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى مۇزلۇقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: El Nacional تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلا تەتقىقاتچىلىرى دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سېررا نېۋادا دې مارىدا تېغىنىڭ ھامبولد چوققىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇزلۇقنىڭ ئېرىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ 2019- يىلى مايدىن 2020- يىلى 10- ئايغىچە بولغان جەرياندىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى تەسىرىنى ئېنىقلاش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ھامبولد چوققىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇزلۇق پارچىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئېرىپ كېتىشىگە ئاز ۋاقىت قالغان.

تەتقىقاتچىلار مۇزلۇقنىڭ دەسلەپكى چوڭلۇقىنىڭ 300 پۇتبول مەيدانىغا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى، ھازىر بولسا خېلىلا كىچىكلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

20 - ئەسىردىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئالاھىدە ئۆرلەپ كېتىشى دۇنيا مىقياسىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ تېزلىكتە تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئاند ئىسسىق بەلباغ تاغلىرى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر