سۈرىيەدە پۇقرالار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سۈرىيەدە پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا قىلىنغان ھۇجۇمدا 28 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1554984
سۈرىيەدە پۇقرالار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (سانا) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا دىرئەززۇر – تەدمۇر تاش يولى بويىغا جايلاشقان كەباجىب رايونىدا، پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 28 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 13 پۇقرا يارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قوراللىق گۇرۇپپا، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىيوردانىيە چېگراسىغا جايلاشقان تانف رايونى تەرەپتىن كېلىپ، ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇۋەتكەندىن كېيىن، چۆلدە غايىب بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر