ب د ت لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش تەكلىپى سۇندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆزىتىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سۇندى.

1555193
ب د ت لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش تەكلىپى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، لىۋىيەدە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاش ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆزىتىلىشى ئۈچۈن مىخانىزىم ئورنىتىلىشى توغرۇلۇق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان دوكلاتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە، لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان خەلقئارالىق مىخانىزىم ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى.

لىۋىيەدە 5+5 ئورتاق ھەربىي كومىتېتنىڭمۇ مىخانىزىم مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۇتېرېش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر مەسىلىسىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، 5+5 ئورتاق ھەربىي كومىتېتنىڭ، لىۋىيەگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا قورالسىز ۋە پۇقراۋى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ بۇ مىخانىزىمدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، چەت ئەللىك ئۇرۇش قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى، مىنا ۋە باشقا پارتلاتقۇچلارنى تازىلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە لىۋىيەلىك تەرەپلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر