ئەدەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا پارتلاش يۈز بەردى، ئارقىدىن توقۇنۇش چىقتى

يەمەننىڭ ئەدەم شەھىرىدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە بەش ئادەم قازا قىلدى.

1554730
ئەدەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا پارتلاش يۈز بەردى، ئارقىدىن توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ كابىنېت ئەزالىرى دۆلەتكە قەدەم بېسىۋاتقان ئەسنادا ئەدەن ئايرودۇرۇمىنىڭ تېرمىنالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەم قازا قىلدى، 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

پارتلاشتىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا توقۇنۇش چىقتى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەن باش مىنىستىرى مۇئىن ئابدۇلمەلىك سەئىد ۋە باشقا كابىنېت ئەزالىرى بىخەتەر ھالدا شەھەر مەركىزىدىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تۇرالغۇسىغا ئېلىپ كېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر