ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ رەت قىلغان 2021 – يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1553689
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان خامچوت لايىھەسى، 3 تە 2 پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى، 322 پالاتا ئەزاسى لايىھەنى قوللاپ ئاۋاز بەردى، 87 پالاتا ئەزاسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

لايىھەنىڭ كېيىنكى ئادرېسى  كېڭەش پالاتاسى بولۇپ، بۇ يەردىمۇ ترامپنىڭ ۋېتۇ قىلىش ھوقۇقىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان شەكىلدە 3 تە 2 پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللىنىشى كۈتۈلمەكتە.

740 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى تەرىپىدىنمۇ بۇ شەكىلدە ماقۇللانغان تەقدىردە قانۇنلىشىدۇ ۋە ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى جەريانىدىكى  «ۋېتو قىلىش ھوقۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن تۇنجى قانۇن لايىھەسى» بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، دۆلەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى لايىھەسىنى 23 – دېكابىر كۈنى ۋېتو قىلغانىدى.

ترامپ، لايىھەنى ۋېتۇ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ۋە كورىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى مەزمۇن قىلمىغانلىقى ۋە كونفېدېراتسىيە دەۋرىدىكى قوماندانلارنىڭ ئىسىملىرى بىكار قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىد قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر