يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون 772 مىڭ 220 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 81 مىليون 154 مىڭدىن، ساقايغانلار سانى 57 مىليون 305 مىڭدىن ئاشتى.

1553225
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 341 مىڭ 138 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليون 573 مىڭ 800 گە يەتكەن ۋە يۇقۇمنىڭ  مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، سەزگۈر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئانتونىي فاۋچى، دۆلەتنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق باسقۇچىنى تېخى باشتىن كەچۈرمىگەن بولۇش ئېھتىماللىقى» توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ،  مۇنداق دېدى: «كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇشى مۇمكىن.» يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشكە ياردەم پىلانىنى تەسىقلىدى. ياردەم پىلانى دائىرىسىدە، يىللىق كىرىمى 2019-يىلى 75 مىڭ دوللار ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغانلارغا 600 دوللار بىۋاسىتە نەق پۇل ياردىمى بېرىلىدۇ.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 502 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 655 مىڭ 300 گە يەتكەن گېرمانىيەدە، پايتەخت بېرلىندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى ئەملىنىدىغان مەركەزلەردىن دەسلەپكىسى ئېچىلدى. ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدىكىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، بۇ مەركەزدىكى سەھىيە خادىملىرىغىمۇ ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيەدە 191 مىڭ 146؛ مېكسىكادا 122 مىڭ 426؛ ئەنگلىيەدە 70 مىڭ 752؛ فىرانسىيەدە 62 مىڭ 746؛ ئىسپانىيەدە 49 مىڭ 824؛ ئارگېنتىنادا 42 مىڭ 650؛ كولومبىيەدە 42 مىڭ 171؛ پېرۇدا 37 مىڭ 474؛ پولشادا 27 مىڭ 118؛ بېلگىيەدە 19 مىڭ 200؛ ئۇكرائىنادا 17 مىڭ 849؛ چىلىدا 16 مىڭ 443؛ رۇمىنىيەدە 15 مىڭ 230؛ كانادادا 14 مىڭ 963؛ ئېكۋادوردا 13 مىڭ 992؛ چېخىيەدە 11 مىڭ 44؛ گوللاندىيەدە 10 مىڭ 998.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر