ئامېرىكانىڭ ناشۋىللې شەھرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ تېننېسسى ئىشتاتىغا قاراشلىق ناشۋىللې شەھرىدە، روژدېستۋو بايرىمى ئەتىگىنى يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىشلىق دەپ قارالغان 63 ياشلىق ئانتونىي كۇئىن ۋارنېرنىڭ ئادەم بومبا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1552990
ئامېرىكانىڭ ناشۋىللې شەھرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېننېسسى ئىشتاتى تەپتىشى دون كوچران ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئانتونىي ۋارنېر ئىسىملىك شەخسنىڭ ئادەم بومبا ئىكەنلىكى يەكۈنىگە كەلدۇق. بومبا پارتىلىغاندا ئۇ شۇ يەردە بار ئىدى ۋە بومبا بىلەن بىرگە پارتلىدى» دېدى.

تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلغان فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن داۋىد رۇچ پارتلاش يۈز بەرگەن مەيداندىن تېپىلغان ئىنسان جەسىتى قالدۇقلىرىنىڭ DNA تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، ۋارنېرغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەسئۇللار ۋارنېرنىڭ شەھەر مەركىزىگە توختىتىپ قويۇلغان كارۋان تىپىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتقۇچىنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دائىرىلەر پارتلاشنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى بولسا تېخىچە ئېنىقلىيالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پارتلاشتا 3 كىشى يارىلانغان بولۇپ، بالنېستقا ئېلىنغان بۇ يارىدارلارنىڭ ھاياتى خەتەرلىك ئەھۋالدا ئەمەسلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

شەھەردە پارتلاش سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 41 بىنا زىيانغا ئۇچرىغان، خەۋەرلىشىش سىستېمىسى  قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى 911 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆي ۋە GSM لىنىيەلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر