ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشتا 3 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى تەشكىللەنگەن نامايىشتا ئۈچ كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1552631
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى  نامايىشتا 3 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «مائارىۋ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىرىكلىك دېلوسى ۋە كوۋىد -19 يۇقۇمىنى كونتىرول قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن نېتانياھۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىسرائىلىيە خەلقى قۇددۇس ۋە پايتەخت تېل ئاۋىۋ قاتارلىق ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

نىتانىياھۇنىڭ غەربىي قۇددۇستىكى تۇرالغۇسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۈزلىگەن كىشىلىك نامايىش جەريانىدا 3 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ  «قانال 12» تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار نېتانياھۇنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى تاقاشقا ئۇرۇنۇپ، ئوت ياققان ۋە  نېتانياھۇنىڭ رەسىملىرىنى كۆيدۈرگەن.

ئىسرائىلىيەدە 6 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن  بېرى چىرىكلىك دېلوسى ۋە كوۋىد -19 يۇقۇمىنى كونتىرول قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن نېتانياھۇنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر