پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە موتسىكلىت بومبا  ھۇجۇمى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق پانجگۇر رايونىدا پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىغا يېقىن جايدا موتسىكلىت بومبا  ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 2 كىشى قازا قىلدى ۋە  8 كىشى يارىلاندى.

1552721
پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە موتسىكلىت بومبا  ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى مەكتەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەنتەربىيە مەيدانىغا كەلگەنلەر قايتىۋاتقان ئەسنادا پارتىلاشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالمىغانلىقى ۋە تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر