لىۋاندا سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ لاگېرىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

لىۋاننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن تالاش – تارتىشتىن كېيىن، سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ چېدىر لاگېرىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.

1552578
لىۋاندا سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ لاگېرىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە لىۋاننىڭ شىمالىدىكى تىرابلۇسشام شەھىرىگە قاراشلىق مىنيە رايونىدا بىر تۈركۈم سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار بىلەن لىۋانلىقلار ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بەرگەن.

تالاش-تارتىشنىڭ كۈچىيىشى ۋە كېيىنچە قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە 3 كىشى يارىلانغان.

قوراللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، رايوندىكى سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا تەۋە لاگېرلاردىن بىرىسىگە لىۋانلىق گۇرۇپپا ئوت قويۇپ بەرگەن.

ئوت ئاپىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لاگېرلارغا كېڭەيگەنلىكى ۋە چېدىر لاگېردا ياشايدىغان نۇرغۇن سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ تىرابلۇسشامغا قاچقانلىقى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى ئېتىزلارغا قېچىپ كىرىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە  ھەربىي قىسىملار رايوننى چەمبەر ئاستىغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر