ئافغانىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ ئۆلكىسىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرپ، بىر بىرىگادا كوماندىرى ۋە بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى قازا قىلدى.

1552228
ئافغانىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى 209- شاھىن كورپۇس قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، بەلخنىڭ چاربۇلاق بازىرىدىكى بىر يول بويىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ 209- شاھىن كورپۇسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالتىنچى باتالىيونى، ئىككىنچى بىرىگادا كوماندىرى مۇھەممەد قاسىم پايكارنىڭ ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمدا پايكار بىلەن بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقى، ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە ھېھقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر