كازىمى: زۆرۈر تېپىلسا ئۇلار بىلەن ئېلىشىشقا تەييارمىز

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمى شىئە قوراللىقلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا: «زۆرۈر تېپىلسا، (باغدادنىڭ) ئۇلار بىلەن ئېلىشىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

1552381
كازىمى: زۆرۈر تېپىلسا ئۇلار بىلەن ئېلىشىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئەلكازىمى بايانات ئېلان قىلىپ: «قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغانلار يۈزىسىدىن خەلقنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئارمىيەگە نىسبەتەن ئاجىزلاپ كەتكەن ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. دۆلەتنىڭ كېرەكسىز تەۋەككۈلچىلىك پاتقاقلىرىغا ئىتتىرىلمەسلىكى ئۈچۈن تىنچلىنىش چاقىرىقى ئېلان قىلدۇق. ئۆز نۆۋىتىدە زۆرۈر تېپىلسا، ئېلىشىشقىمۇ تەييارمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

كازىمىنىڭ باياناتىدىن كېيىن ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ھۆكۈمەتكە يېقىن بىر مەنبە: «ئىرانغا يېقىن شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەسھابى ئەھلىلھەق (ھەق ئىگىلىرى) ھەرىكىتى، ھۆكۈمەتنىڭ باغداد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى ئەزالىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ئۇلار قاماقتىكى ئادەملىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەكسىچە بولغاندا، بۈگۈن كېچە ياكى ئەتە سەھەردە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. بۇ تەشكىلات ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغىمۇ بىۋاسىتە تەھدىت سالدى» دېدى.

مەزكۇر مەنبە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قاسىم ئەلئەرەبىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ۋەقەنى بېسىقتۇرغانلىقىنى، بىراق كازىمىنىڭ قاماقتىكى جاۋابكارلارنى قويۇپ بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىئەلەرنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتىغا ئەزا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ باغدادنىڭ رىسافا تەرىپىدىكى بەزى رايونلارغا ئورۇنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #شىئە , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر