گىرۇزىيە تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

گىرۇزىيە پارلامېنتىنىڭ دۆلەتنىڭ يولغا قويۇشى زۆرۈر بولغان تاشقى سىياسەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىدە، تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى مەسىلىسىمۇ ئورۇن ئالدى.

1552221
گىرۇزىيە تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە پارلامېنتىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا تەستىقلانغان 16 ماددىلىق قارار لايىھەسىگە گىرۇزىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى يولىدا قوللىنىلىدىغان زۆرۈر تەدبىرلەر، ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر كىرگۈزۈلدى.

تاشقى سىياسەت جەھەتتە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى، ئۇ يەرلەردىن كۆچۈپ كەلگەن مۇساپىلارنىڭ يۇرتلىرىنىڭ قايتىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بلەن تولۇق بىرلىشىش تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارار لايىھەسىدە يەنە، گىرۇزىيەنىڭ 2024- يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قارار لايىھەسىنىڭ ئالتىنچى ماددىسىدا، گىرۇزىيەگە نىسبەتەن تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر