ئېفىيوپىيەدە نەچچە ئون پۇقرا قەتل قىلىنغاندىن كېيىن بەش نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قولغا ئېلىندى

ئېفىيوپىيەنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بېنىشاڭگۇل گۇمۇز ئۆلكىسىدىكى بىر يېزا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ نەچچە ئون پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كەم دېگەندە بەش نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1551110
ئېفىيوپىيەدە نەچچە ئون پۇقرا قەتل قىلىنغاندىن كېيىن بەش نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېنىشاڭگۇل گۇمۇز ئۆلكىسى ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسىى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۆلكىلىك ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قوراللىق گۇرۇپپىلار ئېفىيوپىيەنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بېنىشاڭگۇل گۇمۇز ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا ھۇجۇم قىلپ، نەچچە ئون پۇقرانى قەتل قىلغانىدى.

بەزى يەرلىك خەۋەر مەنبەلىرى، ھۇجۇمدا قازا قىلغان پۇقرالار سانىنىڭ 90 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەد ئالدىنقى كۈنى زىيارەت قىلغان مېتېكېلدا سۆز قىلىپ: «رايوندىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىدىغانلىقى»نى ۋەدە قىلغانىدى.

ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى، نەچچە ئون مىڭ كىشىنى يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئەۋج ئېلىپ كەتكەن توقۇنۇشلاردا دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى ئىسيانچىلىرىنىڭ قولىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ: #ئېفىيوپىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر