ترامپ دۆلەت مۇداپىئەسى قانۇنى لايىھەسىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا 740 مىليارد دوللار ئاجرىتىلغان دۆلەت مۇداپىئەسى سالاھىيەت قانۇنى لايىھەسىنى رەت قىلدى.

1550882
ترامپ دۆلەت مۇداپىئەسى قانۇنى لايىھەسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان مەكتۇپىدا، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتادا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تەستىقلاشقا سۇنۇلغان دۆلەت مۇداپىئەسى سالاھىيەت قانۇنىنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: «ئەپسۇسكى بۇ قانۇن لايىھەسى، مۇھىم بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈچۈن يېتەرسىز بولۇپ، مېنىڭ ئامېرىكانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسەت ھەرىكىتىمگە زىت. بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي ۋە رۇسىيەگە قىلىنغان بىر سوۋغا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ئۈچنىڭ ئىككىسىدىن ئارتۇق پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى پالاتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە قايتا ئاۋازغا قويۇلىدۇ؛ ئەگەر ئوخشاش نىسبەتتە ئاۋاز بىلەن قايتا قوبۇل قىلىنسا، ترامپنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، رۇسىيەدىن س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغان تۈركىيەگە، ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرىنى ئېمبارگو يولى ئارقىلىق تىزگىنلەش قانۇنى دائىرىسىدە جازا بېرىش تەلىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر