يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون  726 مىڭ 610 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 78 مىليون 481 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 55 مىليون 245 مىڭغا يەتتى.

1550699
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 330 مىڭ 824 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 18 مىليون 684 مىڭ 628 گە يەتتى. ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرى ئالېكس ئازار بىلەن دۆلەتلىك سەزگۈر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى دوكتور ئانتونىي فاۋچى،  نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، مودېرنا شىركىتى تەرىپىدىن  تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان Kovid-19 ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكۈزدى. باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي، 2-باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جون ھايتېن ۋە باش ئىشتاب باشلىقى مەسلىھەتچىسى رامون «CZ» كولون-لوپېزمۇ،  ئەسكەرلەر ۋە ئاممىنى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىغا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، كامېرالارنىڭ ئالدىدا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزدى.

ئەنگىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 691 كىشى  بىلەن قوشقاندا،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 68 مىڭ 307 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 110 مىڭ 314 كە يەتتى. بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا 3 ئاۋىياتسىيە شىركىتى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان بىر خىل تۈرى بايقالغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان ئەنگلىيەدىن نىيۇ يورك شەھىرىگە بارىدىغان يولۇچىلار ئۈچۈن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇش چەكلىمىسىنى قويدى. بېلگىيە بولسا، ئەنگلىيە بىلەن توختاتقان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى، پەقەت مەجبۇر بولۇپ قالغان ئەھۋاللاردىلا قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قارارلاشتۇردى. ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان پارچە سېتىش سودا سارايلىرىدىن بىرى بولغان تېسكو، فىرانسىيە چېگرانى ۋاقتىنچە تاقىۋەتكەندىن كېيىن، زەنجىرسىمان تەمىنلەشتە ئوتتۇرىغا چىققان قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن تۇخۇم، سوپۇن ۋە تازىلىق قەغىزى سېتىۋېلىشنى 3 بولاق بىلەنلا چەكلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىلاردا 386 كىشى، يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدە 421 كىشى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 61 مىڭ 702 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 490 مىڭ 946 گە يەتتى. فىرانسىيە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان بىر خىل تۈرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئەنگلىيەگە قويغان ساياھەت چەكلىمىسى بىكار قىلدى.

ئىتالىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 69 مىڭ 842 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 977 مىڭ 370 كە يەتتى. دۆلەتتە  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ۋاكسىسىنىڭ، 27 – دېكابىردا دەسلەپكى قەدەمدە 5 سەھىيە خادىمىغا ئەملىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 10 مىڭ 633 كىشى قازا قىلغان گوللاندىيەدە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنگلىيەدىن ساياھەت قىلىدىغان گوللاندىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولۇچىلارنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىگە دائىر ئىسپات خېتىنى كۆرسەتكەندىلا ئاندىن بۈگۈندىن باشلاپ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 962 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 27 مىڭ 968 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 110 مىڭ 554 مىڭ 920 گە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 40 مىڭ 680 كىشى قازا قىلغان، بىر مىليون 518 مىڭ 67 كىشى يۇقۇملانغان كولومبىيەدە، مۇھىم شەھەرلەردە مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا، 2021 – يىلى، 15 – يانۋارغىچە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. پىرېزىدېنت ئىۋان دۇك، دۆلەتتە تۇرۇش كىنىشكىسى يوق كۆچمەنلەرگە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنىڭ ھەقسىز ئەملەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ باياناتى، ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

پېرۇدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 37 مىڭ 218 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون  153 كە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 42 مىڭ 254 كىشى قازا قىلغان، بىر مىليون 555 مىڭ 279 كىشى يۇقۇملانغان ئارگېنتىنادا، دۆلەتلىك دورا، يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق تېخنولوگىيەسى ئىدارىسى (ANMAT)، ئېغىر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى كوۋىد -19 بىمارلىرىنى داۋالاشتا، ئات ئىشلەپچىقارغان ئانتىتېلانى ئاساس قىلىنىدىغان ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى»  بىمارلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن «يۇقىرى قاندىكى ئات قان زەردابى» نى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلدى. ANMAT يەنە، تۈرك ئالىم ئۇغۇر شاھىن قۇرغۇچى شېرىك بولغان BioNTech شىركىتى بىلەن ئامېركانىڭ Pfizer شىركىتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «BNT162b2» ناملىق Kovid-19 ۋاكسىنىسىنىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىشىنىمۇ تەستىقلىدى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيەدە 118 مىڭ 285؛ مېكسىكادا 119 495؛ ئىسپانىيەدە 49 مىڭ 520؛ پولشادا 25 مىڭ 783؛ بېلگىيەدە 18 مىڭ 821؛ ئۇكرائىنادا 17 مىڭ 172؛ چىلىدا 16 مىڭ 217؛ رۇمىنىيەدە 14 مىڭ 636؛ ئېكۋادوردا 13 مىڭ 949؛ چېخىيەدە 10 مىڭ 562.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر