كولومبىيە ئىككى رۇس دىپلوماتنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى

كولومبىيە رۇسىيەنىڭ بوگوتادىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئىككى دىپلوماتنىڭ «نامۇۋاپىق پائالىيەتلەر» گە قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

1550389
كولومبىيە ئىككى رۇس دىپلوماتنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ قارار، ئىككى رۇس دىپلوماتنىڭ كولۇمبىيەدە <دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى ۋىيېننا ئەھدىنامىسى»گە خىلاپ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن چىقىرىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سېمانا تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇس دىپلوماتلار كولومبىيەدە جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كولومبىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى، تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە دۆلەتنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە، مەزكۇر رۇس دىپلوماتلارنىڭ كوچىلاردا كېتىۋاتقان ۋە سودا – سېتىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر