گېرمانىيە شەھەر باشلىقى ياردەمپەرۋەر تۈرك ياشلارغا مەدھىيە ئوقىدى

گېرمانىيەنىڭ سارلاند ئۆلكىسى ۋولكلىنگېن رايونىدا تۇرۇشلۇق تۈرك - ئىسلام بىرلىكى دىنى ئشلار ئۇيۇشمىسى سەلەمىيە جامىسى ياشلار شۆبىسى ئەزالىرى رېگېنبوگېن باشلانغۇچ مەكتىپىگە 5000 ياۋرو ئىئانە قىلدى.

1550322
گېرمانىيە شەھەر باشلىقى ياردەمپەرۋەر تۈرك ياشلارغا مەدھىيە ئوقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئوچۇق جامى كۈنى ۋە مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، جامىنىڭ ياشلار شۆبىسى باشلىغان «ياخشىلىق قىلىش» ياردەم سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە چۈشكەن پۇللار ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تاپشۇرۇلدى.

ۋولكلىنگېن شەھەر باشلىقى كىرىستىيان بىلات مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، جامىنىڭ ياشلار شۆبىسى ئەزالىرىنى مەدھىيەلەپ، بۇ چاقناپ تۇرغان ياشلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شەھەر باشلىقى كىرىستىيان بىلات ياشلارنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى خىزمەت لايىھەلىرىنىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن ياشلارنىڭ بۇ مەنىلىك پائالىيىتىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم، بۇ تۇنجى ئىش بولۇپلا قالمايدۇ، مەن ياشلارنىڭ يەنە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

مەكتەپ مۇدىرى پېترا پىتىللو خانىممۇ ياشلارغا تۈركچە سالام بېرىش بىلەن سۆزىنى باشلىدى  ۋە: «بىز مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى بۇنداق مەنىلىك ئىئانە بىلەن قوللىغانلىقى ئۈچۈن سەلىمىيە جامىسىغا  مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. بۇ ئىئانە مەكتەپنىڭ ئويۇن مەيدانى ئۈچۈن، يېڭى ئويۇن ئەسلىھەلىرى ۋە مائارىپ ماتېرىياللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ» دېدى.

سەلىميە جامىسى جەمئىيىتى باشلىقى كامۇران باشپىنارمۇ جەمئىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مائارىپقا مەبلەغ سېلىشنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر