ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پېرۋان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 5 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1549315
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۋان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلۋاسى راھىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پېرۋان ۋىلايىتىنىڭ ئابدى باي رايونىدا، يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوندىن ئۆتيۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىتىلغان. ھۇجۇمدا 5 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.