نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان 80 مەدرىسە ئوقۇغۇچىسى قۇتقۇزۇۋېلىندى
كاتسىنا ئۆلكىلىك ساقچى باياناتچىسى گامبو ئىساھ يازما باياناتىدا، شەنبە كۈنى كەچتە ئۆلكىگە قاراشلىق ئۇنگۇۋار ئەلقاسىم يېزىسىدا 80 مەدرىسە ئوقۇغۇچىسىمىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
1549074
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گامبو ئىساھ ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەشكىللىگەن ھەرىكەتتە 80 ئوقۇغۇچىنىڭ تۈنۈگۈن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بوكو ھارامنىڭ ئەزالىرى 11 - دېكابىر كەچتە كاتسىنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كانكارا رايونىدا بىر ياتاقلىق مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ بۇلاردىن 344 نەپىرى ئۈچ كۈن ئىلگىرى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.