ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرى تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل، تۈركىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇقىملىقىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.

1548230
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرى تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوررېل، تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا «مۇشەققەتلىك ئۆتكەن 2020 - يىلىدىن كېيىنكى ياۋروپا - تۈركىيە مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا بىلوگ يازمىسى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىيلىك ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ  2020 – يىلىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ 2021 - يىلدىمۇ داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن بوررېل، ماقالىسىدە، «شۇ نۇقتا ناھايىتى روشەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىسا، چوڭ قىتئەنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى، گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەر ۋە قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماي تۇرۇپ قېلىشى قاتارلىقلارنىڭ بۇلارنىڭ مەركىزىدە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يەنىمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تۈركىيە نەزەرگە ئېلىنىدىغان رايونلۇق كۈچكە ئايلاندى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندى. بۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن بوررېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە بىلەن ئورنىتىلىدىغان كۈچلۈك مۇناسىۋەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇقىملىقىغا زور تۆھپە قوشىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە تۈركىيە ئۈچۈنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنمۇ ياخشى شېرىك تېپىش تەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر