ئەردوغان سېنېگالدا «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەربابى» بولۇپ تاللاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى بولمىغۇر سۆزلىرىگە قارشى قەتئىي پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن سېنېگالدا «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەربابى» دەپ تاللاندى.

1548213
ئەردوغان سېنېگالدا «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەربابى» بولۇپ تاللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېنېگالدا ئىسلامىي ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن تونۇلغان جامرا تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ماكروننىڭ ئىسلام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «يىللىق مۇنەۋۋەر ئەرباب» بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، ئەردوغاننىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان پەسكەشلەرچە ھاقارەتلەرگە باتۇرلۇق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ۋە ماكروننى تەنقىد قىلغان سۆزلىرى سېنېگالدا زور قوللاشقا ئېرىشكەنىدى.

7 - نويابىر پايتەخت داكاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى نامايىشتا ئەردوغاننى قوللاپ شوئارلار توۋلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر