ۋېنېزۇئېلادىكى كېمە قازاسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 28 گە يەتتى

ۋېنېزۇئېلا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەپتە ئاخىرىدا يۈز بەرگەن قائىدىسىز كۆچمەنلەر كېمىسىنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 28 گە يەتتى.

1547610
ۋېنېزۇئېلادىكى كېمە قازاسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 28 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادىن تىرىنىداد ۋە توباگوغا كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەسنادا چۆكۈپ كەتكەن كېمىنى ئىزدەش جەريانىدا يېڭى جەسەتلەر تېپىلدى.

دائىرىلەر، ۋېنېزۇئېلا دېڭىز قىرغىقىدا يېڭى جەسەتلەرنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئاپەتتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 28 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ باش تەپتىشى تارەك ۋىليام سائاب، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازا قىلغان 26 كىشىنىڭ كىملىكلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان سائاب، باشقا يولۇچىلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كېمىدىكىلەرنىڭ 6- دېكابىردا شەرقىي شىمالدىكى سۇكرې ئۆلكىسىنىڭ گۇرىيا رايونىدىن يولغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى، ھەپتە ئاخىرىدا ۋېنېزۇئېلا دېڭىز قىرغىقىدا چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىكى ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 14 كىشىنىڭ جەسىتىنى قۇرۇقلۇققا چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر