مېركېل تۈرك دوختۇرلارنى تەبرىكلىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۈرك دوختۇرلار ئۆزلەم تۈرەجى ۋە پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىننى تەبرىكلىدى.

1547589
مېركېل تۈرك دوختۇرلارنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  BioNTech شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تۈرەجى ۋە شاھىن بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشكەن  مېركېل، گېرمانىيەنىڭ بۇنداق بىر تەتقىقاتقا ساھىب بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئىككى ئالىمنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.

شاھىن بىلەن تۈرەجىمۇ،«ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر