مەكتەپلىرىدىن قاچۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلاردىن 344 ى قويۇپ بېرىلدى

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكوھارام تەرىپىدىن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىق مەكتىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ قېچىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن 344 ىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1547942
مەكتەپلىرىدىن قاچۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلاردىن 344 ى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن  11- دېكابىر كەچتە كاتسىنا ئۆلكىسىدىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىق مەكتىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 344 ىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىنلا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا نىگېرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەسەللىي بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر