ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل ۋە پەرۋان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1546694
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاپىسا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باياناتچىسى ئابدۇل شايىق شۇرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەرۋان ۋىلايىتىنىڭ سەرسەيياد رايونىدا، كاپىسا ۋىلايەتلىك جىنايى ئىشلارغا قارشى كۈرەش ئىدارىسى خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلىتىلغان. ھۇجۇمدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر كىشى يارىلانغان.

كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باياناتچىسى فېردەۋس فارامارزنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پايتەخت كابۇلنىڭ پەنجسەد فامىلى رايونىدا، بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر