گىرېتسىيە قوراللىنىش خىراجىتىنى بەش ھەسسە كۆپەيتتى

گىرېتسىيە 2021- يىللىق مۇداپىئە خامچوتى دائىرىسىدىكى قوراللىنىش ئۈلۈشىنى 2020 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بەش ھەسسە كۆپەيتتى.

1546342
گىرېتسىيە قوراللىنىش خىراجىتىنى بەش ھەسسە كۆپەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە 2021- يىللىق مۇداپىئە خامچوتى دائىرىسىدىكى قوراللىنىش ئۈلۈشىنى 2020 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بەش ھەسسە كۆپەيتىپ، 2 مىليارد 500 مىليون ياۋروغا يەتكۈزدى.

گىرېتسىيە پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2021- يىللىق دۆلەت خامچوتى ماقۇللاندى.

گىرېتسىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتى 5 مىليارد 490 مىليون ياۋروغا چىقىرىلدى، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ئىچىدىكى قوراللىنىش چىقىمىغا ئاجرىتىلغان ئۈلۈش 2 مىليارد 500 مىليون ياۋروغا ئۆستۈرۈلدى.

ئاتىنا (ئافېنا) ھۆكۈمىتى كەلگۈسى 10 يىلدا قورال- ياراغ ئۈچۈن 10 مىليارد دوللار خەجلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر