ئىران ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1545822
ئىران ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەرىف، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە دۇچ كېلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەگە بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقىرىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلدى، ھەمدە ئېمبارگولارغا بېقىندى بولۇپ قالغانلىقىنى نامايەن قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئاخىرقى ئېمبارگو قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن، ھەمدە بۇ ئېمبارگولارغا قارشى تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر