ئامېرىكا تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكادا سودا ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىغا، بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1545018
ئامېرىكا تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون ئاليوت (John Ullyot) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دۆلەت تېلېكوم ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ سىستېمىلىرىغا بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەھۋالنى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، تور ھۇجۇمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەنبە (2020-يىلى 19-دېكابىر) كۈنى جىددىي توپلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەزكۇر تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر