نىگېردا بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېردا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1545331
نىگېردا بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 70 ئەتراپىدا ئەزاسىنىڭ، نىگېرنىڭ دىففا رايونىغا جايلاشقان تومور يېسىغا شەنبە كۈنى كېچىسى ئېلىپ بارغان قوراللىق ھۇجۇمىدا، 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 100 غا يېقىن ئۆي، ئىش ئورنى ۋە كۆپلىگەن ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

دىففا رايونى جۈمە كۈنىمۇ بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىككى كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر