تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 1 ئىراق ئەسكىرى قازا قىلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 1 ئىراق ئەسكىرى قازا قىلدى ۋە 2 ئەسكەر يارىلاندى.

1544513
تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 1 ئىراق ئەسكىرى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى كەركۈك شەھىرىنىڭ دىبىس رايونىغا يېقىن جايدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەرىكەت باشلىدى.

ھەرىكەت جەريانىدا ئەسكەرلەر تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىشلەتكەن بىر پاناھجايغا بېسىپ كىرگىنىدە، تېرورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتىلىدى.

كەركۈك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئەلى كامال يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بومبىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە، ئىراق ئارمىيەسىدىن 1 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە  2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر