دونالد ترامپ جو بايدېنغا قارشى ئاچقان دېلولارنىڭ ئالىي سوتتا رەت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جو بايدېننىڭ سايلامدىكى غەلبىسىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاچقان دېلولارنى ئالىي سوتنىڭ رەت قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1544484
دونالد ترامپ جو بايدېنغا قارشى ئاچقان دېلولارنىڭ ئالىي سوتتا رەت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا «ئالىي سوت بىزنى رەزىل قىلماقتا، ھېچقانداق مەلۇماتى ۋە جاسارىتى يوق» دېدى.

دونالد ترامپ سايلامدا «تارىختىكى ئەڭ چوڭ چىرىكلىك» يۈز بەرگەنلىكىنى  ئىلگىرى سۈرۈپ،  «ئالىي سوت بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكادا 3 – نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن 59 - نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئالدامچىلىق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دونالد ترامپ، سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىي يوللار بىلەن بۇ مەسىلىگە چارە ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دونالد ترامپ گۇرۇپپىسىنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتلاردا ئاچقان چىرىكلىك دېلوسى سوت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر