ئاۋسترىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ياغلىق ئارتىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

ئاۋسترىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

1544112
ئاۋسترىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ياغلىق ئارتىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوت مەھكىمىسى 2019 - يىلى مايدا باش مىنىستىر سېباستىيان كۇرز باشچىلىقىدىكى ئوڭچىل ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پارلامېنتتا ماقۇللانغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

ئاۋسترىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى باشلىقى كىرىستوف گرابېنۋارتېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، سوت مەھكىمىسىنىڭ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە باشنى پۈتۈنلەي دىنىي كىيىم - كېچەك ياكى سىمۋوللۇق نەرسىلەر بىلەن يۆگەشنى چەكلەيدىغان— خەلق ئارىسىدا «ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش قانۇنى» دەپ ئاتىلىۋاتقان قانۇن توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلدى.

گرابېنۋارتېر، ئاشقۇن ئوڭچىل ھۆكۈمەتنىڭ 2019 – يىلى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ياغلىق ئارتىش چەكلىمىسىنىڭ باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا زىتلىقى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنىشىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، مائارىپ سىستېمىسىدا پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كىيىملىرىنىلا چەكلەشنىڭ بۇ گۇرۇپپىنىڭ جەمئىيەتتە كەمسىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىنىڭ ئەكسىچە مەكتەپلەردە دىنىي كىيىم كىيىش مائارىپ سىستېمىسىدا ھېچقانداق توقۇنۇش پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر خىل دىنلار ۋە دۇنيا قاراشلار ئارىسىدا پەقەت ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بولغان كىيىم - كېچەكنىڭ چەكلىنىشىنىڭ مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى باشلىقى يەنە: «يىغىنچاقلىغاندا، چەكلىمە مائارىپ قانۇنىنىڭ 43 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن باراۋەرلىك، پىكىر ئەركىنلىكى، دۇنيا قاراش ۋە دىن ئەركىنلىكى پىرىنسىپىغا خىلاپ» دېدى.

ئاۋسترىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياغلىق ئارتىشنى چەكلەيدىغان قانۇننىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارارى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئاۋسترىيەدە تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش قانۇنى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىلىپ، بىكار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر