ئامېرىكانىڭ ئىككى يادرو بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئوتتۇرا شەرقتە ئۇچتى

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «B-52H» تىپلىق ئىككى يادرو بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ، ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرا شەرق ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1543619
ئامېرىكانىڭ ئىككى يادرو بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئوتتۇرا شەرقتە ئۇچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى «B-52H» تىپلىق ئىككى يادرو بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرا شەرق ھاۋا تەۋەلىكىدە، ئامېرىكانىڭ رايونلۇق ھەربىي شېرىكلىرىگە بولغان سادىقلىقىنى نامايان قىلىپ ئۇچقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى كېنىس ف.مىكېنزى (Kenneth F. McKenzie) نىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇ: «دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدە ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى توختاتماي ئۇچۇرۇش ۋە ئۇلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە    نۇرغۇن رايونلۇق شېرىكلىرىمز بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، رايونلۇق مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىككە سادىق ئىكەنلىكىمىزنىڭ ۋە يېقىن خىزمەت قىلىش مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچى» دېدى.

ئامېرىكا ئۆتكەنكى ھەپتىلەردە ئوتتۇرا شەرق ھاۋا تەۋەلىكىدە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇچۇشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر