فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك دەتالاشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى «ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كۈچلۈك تەنقىدلەشلەرگە ئۇچرىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1542755
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك دەتالاشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون تەرىپىدىن 2 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان قانۇن لايىھەسى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ژان كاستېكىس مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاققانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئەكسىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىسلام دىنىغا زەربە بېرىشنى ئەمەس، بەلكى «ئاشقۇن ئىسلامچىلىق»قا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاشقۇن ئىسلامچىلىقنىڭ جەمئىيەتتە ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىقنى يايغانلىقىنى شۇنداقلا جەمئىيەتنى پارچىلىغانلىقىنى دەۋا قىلغان كاستېكس، بۇنىڭغا قارىتا جۇمھۇرىيەتنىڭ بويۇن ئېگىشنى ئەمەس، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاشقۇن سولچىل ئىدىيەدىكى «بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ژان لۇك مېلېنچون، ھۆكۈمەتنى بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشكە ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلىدى.

بۇ قانۇن لايىھەسى پارلامېنتقا سۇنۇلغاندا، ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۈزىتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مېلېنچون، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مالىيە مەنبەلىرىنى تەپتىش قىلىش ۋە ئىماملارغا فىرانسىيە تەرىپىدىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىش شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 54 ماددىدىن تەركىب تاپىدۇ.

1 - ئايدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى، پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، يەنە بىر قېتىم پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 2 - ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلگۈنچىلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىدېئولوگىيەسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى فىرانسىيە قانۇنىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن، ھەتتا بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي «ئىسلام دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە كىرىزىس ئىچىدە» دېگەنىدى.

مەزكۇر قانۇن مەسچىتلەرنىڭ مەبلەغلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش، مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە دىنىي خادىملارنىڭ چەت ئەلدىن كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت، بۇ بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئافرىقالىقلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى «نازارەت» قىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر