تايلاندتىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 29 گە يەتتى
تايلاندنىڭ جەنۇبىدا پەسىللىك يامغۇرلار سەۋەب بولغان كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 29 گە يەتتى.
1542262
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپەتكە قارشى تۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇللىرى كەلكۈندە يەنە 5 كىشى قازا قىلىپ، ئومۇمىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 29 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ناكخون سى تاممارات شەھىرىدە 21 ئادەم قازا قىلغان، قالغان كىشىلەر فراساڭ رايونىنىڭ سۇران تانى شەھىرى ۋە ساتىڭخرا رايونىنىڭ سوڭخلا شەھىرىدە قازا قىلغان.
555 مىڭدىن كۆپرەك ئۆي كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان.