ترامپ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى قانۇن لايىھەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2021 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، ئۇنى ئىمزالاشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1542226
ترامپ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى قانۇن لايىھەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىرامپ تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، «ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ، ئىنتايىن ئاجىز بولغان شۇنداقلا مەن رەت قىلىدىغان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ترامپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دۆلەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، 5G غا رۇخسەت قىلىش ۋە چەت ئەلدىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا 740 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشنى مەزمۇن قىلغان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لايىھە، ئاۋام پالاتاسىدا 78 گە قارشى 335 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئاۋام پالاتانىڭ ئۈچنىڭ ئىككىسىدىن كۆپ ئەزاسىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەسى، كېڭەش پالاتادىنمۇ ئوخشاش ئاۋاز بىلەن ئۆتۈپ كەتسە، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ترامپ ئۇنى رەت قىلالمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر