ئەنگلىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش بۈگۈن باشلاندى

ئەنگلىيەدە بۈگۈن تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋاكسىنا ئەملەش باسقۇچى باشلاندى.

1541439
ئەنگلىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش بۈگۈن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى«Pfizer-BioNtec» ھەمكارلىقىدا ئىشلەچىقىرىلغان كوۋىد-19 ۋاكسىناسى تۇنجى بولۇپ، 90 ياشلىق مارگارېت كېنانغا ئەملەندى.

ئەنگىليەنىڭ مەركىزى كوۋېنترىدىكى يەرلىك دوختۇرخانىدا مارگارېت كېنانغا بۈگۈن ئەتىگەن (91 ياشقا كىرىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن) كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئەملەندى.

ئەنگلىيەدە بىرىنچى باسقۇچتا، 400 مىڭ كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەش نىشان قىلىنماقتا. ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسى چوڭ مەركەز ۋە دوختۇرخانىلاردىن باشلىنىدۇ.

بەزى تەنتەربىيە مەيدانلىرى ۋە زاللىرى قاتارلىق چوڭ يەرلەرمۇ ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئائىلە دوختۇرلىرى ۋە دورىخانىلارمۇ بۇ پىروگراممىغا كىرگىزۈلىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچتا، ئەنگىليەدىكى 50 دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن ۋاكسىنالار نۆلدىن تۆۋەن 70 گرادۇستا ساقلانماقتا.

بېلگىيەدىن ئەنگىلىيەگە ئەۋەتىلگەن «Pfizer-BioNtec» ۋاكسىناسى ئىنتېرنېت ئارقىلىق كۆزىتىلمەكتە. ۋاكسىنا ھەر 21 كۈندە بىر قېتىم بولۇپ، جەمئىي ئىككى قېتىم ئەملىنىدۇ.

80 ياشتىن ئاشقان ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىدىغانلار، ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە سەھىيە خادىملىرى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.

94 ياشلىق ئايال پادىشاھ ئىككىنچى ئېلىزابېت ۋە ئۇنىڭ 99 ياشلىق يولدىشى شاھزادە فىلىپقىمۇ ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ۋاكسىنا ئەملىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 61 مىڭ 434 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 737 مىڭ 960 قا يەتتى.

ئەنگلىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلماقتا. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا %57 ئەنگىلىيەلىك «ھۆكۈمەت ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا ئاجىز قالدى» دېگەن قاراشتا.

ئەنگلىيەدە كوۋىد -19 تەدبىرلىرى دائىرىسىدىكى چەكلىمىلەرگە بولغان  نارازىلىقلارمۇ داۋاملاشماقتا.

پايتەخت لوندوندىكى بىر داڭلىق ماگېزىننىڭ تارمىقىغا كىرمەكچى بولغان يۈزلىگەن ماسكىسىز ياشلار كوچىنى توسۇپ، نامايىش ئۆتكۈزدى. ساقچىلار4 كىشىنى نازارەتكە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر