ب د ت رۇسىيەنى قىرىم ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى، رۇسىيەنى قىرىمدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ ئىشغالغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

1541522
ب د ت رۇسىيەنى قىرىم ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى، رۇسىيەنى قىرىمدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى ۋە «ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدىكى ۋاقىتلىق ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشى»كە چاقىرغان بىر قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.
193 ئەزاسى بولغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە كۈچى بولمىغان مەزكۇرقارارى 17 گە قارشى 63 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى؛ 62 ئەزا دۆلەت بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى.

رۇسىيەنىڭ قىرىم ۋە سىۋاستاپول شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ئەيىبلەنگەن قاراردا، «قوشۇۋېلىشنىڭ ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى» تەكىتلەندى، «قىرىمنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشنىڭ قانۇنسىز ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

قاراردا، ب د ت ئەزالىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن «ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ، رۇسىيەنىڭ قىرىم ئىشغالىغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقىنى قوللاش» تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر