خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا 18 ئىشچى گازدىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چۇڭكىڭ شەھىرىدە بىر كۆمۈر كانىنىڭ 18 ئىشچىسى كاربون ئوكسىد گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى.

1540278
خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا 18 ئىشچى گازدىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 17:00 دە قۇتقۇزۇش خادىملىرى چۇڭكىڭنىڭ يوڭچۈەن رايونىدىكى دياۋشىدوڭ كومۈر كانىدا ئۈسكۈنىلەرنى چىقىرىۋاتقاندا، كاربون ئوكسىد مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن 24 ئىشچى قاپسىلىپ قالغان.

دائىرىلەر قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە قاپسىلىپ قالغان ۋە گازدىن زەھەرلەنگەن ئىشچىلاردىن 18 نەپىرىنىڭ ئۆلۈكىنى تاپقان.

ئالاقىدار مەسئۇللار قۇتقۇزۇۋېلىنغان 1 ئىشچىنىڭ دوختۇرخانىغا يوللانغانلىقىنى، قاپسىلىپ قالغان 5 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دائىرىلەر بۇ كۆمۈر كاننىڭ ئەسلىدە  2 ئاي ئىلگىرى تاقالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ: #زەھەر , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر