ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى: 12 دۆلەتنىڭ ئاچارچىلىق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ

دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، كېلەر يىلى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسلەردىن بىرىنىڭ يۈز بېرىپ، 12 دۆلەتنىڭ ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1540074
ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى: 12 دۆلەتنىڭ ئاچارچىلىق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى دىرېكتورى داۋىد بىئاسلېي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن كوۋىد – 19 باشلىقلار يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، «كېلەر يىلى ھەقىقىي مەنىدە ئاپەت يۈز بېرىدۇ» دېدى.

كوۋىد – 19 يۇقۇمى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئىنسانىي ئېھتىياجىنىڭ بىر قاتلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان بىئاسلېي، ئاچارچىلىقنىڭ 12 دۆلەتنىڭ ئىشىكىنى چېكىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

گەرچە ئۇ، خەتەر ئاستىدىكى 12 دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىلغان تەقدىردە، ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر