دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 يېرىم مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېندىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 513 مىڭ 80 دىن، يۇقۇملانغانلار 65 مىليون 595 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 45 مىليون 426 مىڭدىن ئاشتى.

1539478
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 يېرىم مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىڭ 978 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 282 مىڭ 829 غا يەتتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 142 مىڭ 881 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 14 مىليون 535 مىڭ 196 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 993 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ ئىتالىيەدە كۆرۈلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك ئۆلۈم سانى بولۇپ قالدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 58 مىڭ 38 گە چىقتى.

ئوخشاش ۋاقىتتا، 23 مىڭ 225 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 664 مىڭ 829 غا چىقتى.

ئىتالىيە ھۆكۈمىتى يانۋار (2021) ئېيىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 3-دولقۇنىغا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن 2020-يىلى 21-دېكابىردىن 2021-يىلى 6-يانۋارغىچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 326 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 54 مىڭ 140 قا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 12 مىڭ 696 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 257 مىڭ 331 غا چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، 9 مىليون 571 مىڭ 780 دىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 139 مىڭ 227 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 67 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 132 مىڭ 817 كىشى يۇقۇملانغان لىۋاندا، 2021-يىلى 1-يانۋار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان جىددىي ھالەت، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن 2021-يىلى مارت ئېيىغىچە ئۇزارتىلدى.

غەززەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، 11-دېكابىر (2020) دىن تارتىپ ئاي ئاخىرىغىچە ھەر ھەپتە جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى سىرتقا چىقىشنى چەكلەش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ.

ئافرىقا قىتئەسىدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 267 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 52 مىڭ 937 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 230 مىڭدىن ئاشتى.

جەنۇبىت ئافرىقادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 21 مىڭ 803 كە، مىسىردا 6 مىڭ 713 كە، ماراكەشتە 6 مىڭ 63 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر