ئىراندا يادرو پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ ماقۇللاندى
ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرىدىغان ۋە مۇئەسسەسەلىرىدىكى تەكشۈرۈشلەرگە چەك قويۇشنى مەجبۇرىي قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرى قارشى تۇرۇشىغا قارىماي تەستىقلاندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، كونسېرۋاتىپلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پارلامېنتتا ماقۇللانغان «ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە ئىران دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت پىلانى» دەپ نام بېرىلگەن قانۇن لايىھەسى، ئەڭ ئاخىرقى تەستىق ئورگىنى بولغان «ئاساسىي قانۇننى قوغدىغۇچىلار كېڭىشى» تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە ئەۋەتىپ بېرىلدى.
ئىران پارلامېنتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئەھمەت ئەمىرابادى، پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد باكىر كالىبافنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پىرېزىدېنت رۇھانىغا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىران ئالىمى مۇھسىن فاھرىزادە سۈيىقەستىدىن كېيىن، پارلامېنتتا تەستىقلانغان قانۇن، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسىنىڭ ۇراننى ئەڭ ئاز دېگەندە %20 قويۇلدۇرۇشنى باشلىشىنى ۋە تۆۋەن سەۋىيەدە قويلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى كۆپەيتىشنى مەجبۇرىي قىلىدۇ.
يادرو كېلىشىمى، ئىرانغا ئۇراننى ئەڭ كۆپ بولغاندا %3.67 قويۇلدۇرۇشقا رۇخسەت قىلاتتى.
ئىران تەستىقلانغان قانۇن رامكىسىدا، يادرو كېلىشىمىنىڭ تەرەپدارلىرى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىراننىڭ بانكاچىلىق سىستېمىلىرىنى ۋە نېفىت ئېكسپورتىنى نورماللاشتۇرىدىغان قەدەملەر تاشلىمىغان ئەھۋالدا، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى ئالدىنى ئېلىش دائىرىسىدە 2016-يىلىدىن بۇيان خالىسانە ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوشۇمچە كېلىشىمدىنمۇ ئايرىلىدۇ.
تېھران ھۆكۈمىتى قوشۇمچە كېلىشىم بويىچە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئاگېنتلىقى تەپتىشلىرىنىڭ ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىنى خالىغانچە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى. ئىراننىڭ قوشۇمچە كېلىشىمدىن ئايرىلىشى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى تەپتىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە چەك قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلانماسلىقى ئۈچۈن چاقىرىقلارنى قىلغان ئىدى.
ھەسەن رۇھانى: «پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغان لايىھەنى دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ مۇساپىسى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايمىز. ھۆكۈمەت بۇ لايىھەگە ئىجابىي قارىمايدۇ» دېگەن ئىدى.